خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 19 – كۈنى، «قاتىلنى قوغلىغۇچى» ناملىق فىلىمدىكى كامالەتكە يەتكەن ماھارىتى بىلەن، ليۇ يې «ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
شۇ كۈنى، كىنو ئالتۇن جام مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، 2016-يىللىق شاڭخەي خەلقئارا كىنو-تېلېۋىزىيە بايرىمى ئاياقلاشتى. ليۇ جيې رېژىسسورلۇق قىلغان «دې لەن» ناملىق كىنو «ئەڭ ياخشى كىنو مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى، ئىتالىيەنىڭ «تېكساستا كۆرۈشەيلى» ناملىق فىلىمى «باھالاش كومىتېتى مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى. جۇڭگولۇق ئەر ئارتىس ليۇ يې «قاتىلنى قوغلىغۇچى» ناملىق فىلىمدىكى كامالەتكە يەتكەن ئورۇنلاش ماھارىتى بىلەن «ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر ئارتىس» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ياپونىيەلىك ئايال ئارتىس نائومى فۇجىياما «ئەڭ ياخشى ئايال ئارتىس» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى