خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 18-كۈنى، مىسىرنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مورسى قاھىرەدە سوتلاندى. مىسىر ھۆكۈمەت تەرەپ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قاھىرە جىنايى ئىشلار سوت كوللېگىيەسى 18-ئىيۇن، مىسىرنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مورسىنىڭ جاسۇسلۇق ۋە «مەخپىي ھۆججەتلەر»نى ئاشكارىلاپ قويۇش جىنايىتىگە 40 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى