باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋەسىيسى باقالمىغان بالىلاغا خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ۋەسىيلىك قىلىدۇ

قىيىنچىلىقتا قالغان بالىلارنى كاپالەتلەندۈرۈش كۈچەيتىلىدۇ، مەملىكىتىمىزدە كەنت (شەھەر ئاھالىلەر كومىتېتى)دا بالىلار پاراۋانلىق نازارەتچىسى تەسىس قىلىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى

2016.06.20 13:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۆنۈگۈن، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، «قىيىنچىلىقتا قالغان بالىلارنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى مەخسۇس يېشىپ چۈشەندۈردى. خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە خەير - ساخاۋەت ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۈ جيەنجوڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «پىكىر»دە ئائىلىسى نامرات، ئۆزى مېيىپ، ۋەسىيسى يوق ياكى قىيىن ئەھۋالدا قالغان بالىلار تۈرگە ئايرىلىپ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ ھەم ۋەسىيلىك قىلغۇچى ئېغىر كېسەل، ئېغىر مېيىپ بولۇپ، ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قېلىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بېقىشقا ھەقىقەتەن قۇربى يەتمەسلىك قاتارلىق تۆت تۈردىكى بالىلارغا خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ۋەسىيلىك قىلىدىغانلىقى ياكى ۋاكالىتەن باشقۇرىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. شۈ جيەنجوڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىز كەلگۈسىدە 690 مىڭ كەنت (شەھەر ئاھالىلەر كومىتېتى)تە بالىلار پاراۋانلىق نازارەتچىسى قۇرۇلۇپ، كاپالەت سىياسىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ.

  شۈ جيەنجوڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى»دە، بەلگىلەنگەن خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ۋەسىيلىك قىلىدىغان بالىلار ھەم قانۇن بويىچە ۋەسىيلىك سالاھىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، خەلق سوت مەھكىمىسى بەلگىلىگەن خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ۋەسىيلىك قىلىدىغان بالىلارغا قارىتا «پىكىر»دە، خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى تەسىس قىلغان بالىلار پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرى ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش ئاپپاراتلىرى يىغىۋېلىپ تەربىيەلەيدىغانلىقى، ۋەسىيلىك ھوقۇقىنىڭ ئائىلىدىن خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىغا يۆتكىلىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  بۇنىڭدىن سىرت، جازا ئۆتەۋاتقان، مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلىتىلىدىغان خادىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلارنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىگە ۋەسىيلىك قىلىشقا ھەقىقەتەن مۇۋاپىق كىشىلەر بولمىغان قىيىنچىلىقى بار بالىلار، شۇنىڭدەك ۋەسىيلىك قىلغۇچى ئېغىر كېسەل، ئېغىر مېيىپلىق سەۋەبلىك ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قېلىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بېقىشقا ھەقىقەتەن ئامالسىز بولغان بالىلارنى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ۋاقىتلىق ھاۋالە بويىچە ۋاكالىتەن باقىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر