باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى 26 ئالىي مەكتەپ QS ئاسىيا 100 كۈچلۈك ئالىي مەكتەپ تىزىملىكىگە كىردى

2016.06.16 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيە QS يەر شارى مائارىپ گۇرۇھى 14-ئىيۇن ئېلان قىلغان « 2016 - يىللىق QS ئاسىيا ئالىي مەكتەپلەر تىزىملىكى »دە كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى 26 ئالىي مەكتەپ ئاسىيا 100 كۈچلۈك ئالىي مەكتىپى تىزىملىكىگە كىرىپ، بۇلتۇرقىدىن بىرى كۆپەيگەن.

  بۇ تىزىملىكىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئىككى ئالىي مەكتەپ، يەنى 5-ئورۇندىكى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە 9-ئورۇندىكى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەڭ ئالدىنقى ئون كۈچلۈك ئالىي مەكتەپ قاتارىغا كىرگەن. بۇنىڭدىن سىرت، سىنگاپور دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى تىزىملىكتە ئۇدا 1-ئورۇندا تۇرغان؛ شياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 2- ئورۇنغا، سىنگاپور جەنۇبىي ئوكيان تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى 3-ئورۇنغا تىزىلغان. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئالدىنقى 10 ئورۇنغا جۇڭگو شياڭگاڭدىن تۆت ئالىي مەكتەپ تاللانغان. سىنگاپور، كورېيە بىلەن جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ھەر قايسىسىدىن ئىككى ئالىي مەكتەپ تاللانغان. تىزىملىكتىكى ياپونىيەنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغان ئالىي مەكتىپى بولسا 13- ئورۇندىكى توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى ئىكەن.

  QS يەر شارى مائارىپ گۇرۇھىنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل جەمئىي 124 ئالىي مەكتەپ بۇ تىزىملىككە كىرگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن 82 ئالىي مەكتەپ ، شياڭگاڭدىن يەتتە ئالىي مەكتەپ ، تەيۋەندىن 34 ئالىي مەكتەپ، ئاۋمېندىن بىر ئالىي مەكتەپ تىزىملىككە كىرگەن؛ ياپونىيە ۋە كورېيەدىن ئايرىم - ئايرىم 74 مەكتەپ ۋە 54 ئالىي مەكتەپ بۇ تىزىملىككە كىرگەن.

  QS يەر شارى مائارىپ گۇرۇھى 1990 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ھەر يىلى « QS دۇنيادىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ رەت تىزىملىكى » قاتارلىق كۆپ خىل ئالىي مائارىپ بىلەن مۇناسىۋەتلىك تىزىملىكلەرنى قەرەللىك ئېلان قىلىدۇ. « QS دۇنيادىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ رەت تىزىملىكى »، « تامېس ئالىي مائارىپى دۇنيادىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ رەت تىزىملىكى » ۋە « دۇنيا ئالىي مەكتەپلەر تەرتىپى » بولسا دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ دۇنياۋى تەسىر كۈچىگە ئىگە ئالىي مەكتەپ تىزىملىكى، دەپ قارىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر