باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە-تۈركىيە مۇناسىۋىتى ئوڭشىلىشى مۇمكىن

ئەردوغان تېلېگرامما يوللاپ، رۇسىيەنىڭ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلىدى

2016.06.16 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىىيە ئەمەلدارى 14-ئىيۇن، تۈركىيە زوڭتوڭى رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ نەچچە كۈن ئاۋۋال رۇسىيە زوڭتوڭى ۋلادىمىر پۇتىنغا تېلېگرامما يوللاپ، رۇسىيەنىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنىنى تەبرىكلىگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

  6-ئاينىڭ 12-كۈنى رۇسىيەنىڭ «روسىيە كۈنى» دۆلەت بايرىمى بولۇپ، 1990-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى رۇسىيە سوۋېت فېدېراتسىيە سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى تۇنجى قېتىم خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيىدا دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى خىتابنامىسىنى ماقۇللىدى، بۇ كۈن كېيىن رۇسىيەنىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنى، دەپ بېكىتىلدى، 2002-يىلى يەنە رۇسىيە كۈنى دەپ ئاتالدى.

  فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى تۈركىيە ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، تۈركىيە زوڭتوڭى ئەردوغاننىڭ ھەقىقەتەنمۇ پۇتىنغا خەت يازغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

  رېيتىر ئاگېنتلىقى تۈركىيە زوڭتوڭ مەھكىمىسىدىكى خەۋەردار زاتنىڭ گېپىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئەردوغان خېتىدە رۇسىيە بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئۈمىدىنى ئىپادىلىدى، دېدى.

  ئۇنىڭدىن باشقا، تۈركىيە تاراتقۇلىرى تۈركىيە يېڭى زوڭلىسى ئېلدىرىممۇ رۇسىيە زوڭلىسى مېدۋېدېۋغا تېلېگرامما يوللاپ، رۇسىيەنىڭ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

  بۇلتۇر 11-ئاينىڭ 24-كۈنى، تۈركىيە «ھاۋا تەۋەلىكىمىزگە قانۇنسىز تاجاۋۇز قىلىپ كىردى» دېگەننى باھانە قىلىپ، تۈركىيە ۋە سۇرىيە چېگرا رايونىدا رۇسىيەنىڭ سۇ 24 تىپلىق بىر كۈرەشچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتتى. رۇسىيە تەرەپ ئايروپىلان تۈركىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرمىگەن، دەپ چىڭ تۇردى. بۇ ئىش ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېزدىن يامانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، رۇسىيە تەرەپ تۈركىيەگە قارىتا بىر يۈرۈش جازالاش تەدبىرى قوللىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر