باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى «جۇڭگودا ئولتۇراقلىشىشقا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان شەھەر»نى ئېلان قىلدى

2016.06.15 15:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى جۇغراپىيە ئىلمى ۋە بايلىق تەتقىقات ئورنى ئولتۇراقلىشىشقا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان شەھەر تەتقىقات گۇرۇپپىسى « جۇڭگودا ئولتۇراقلىشىشقا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان شەھەر تەتقىقات دوكلاتى» ( ئىلىم-پەن نەشرىياتى نەشر قىلغان)نى رەسمىي ئېلان قىلدى. دوكلاتتا نۇرغۇن ئاھالىلەرنى تەكشۈرۈش ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق جۇڭگودىكى 40 شەھەر (ئۆلكە مەركىزى، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە ئالاھىدە شەھەر) ئىچىدىن ئولتۇراقلىشىشقا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىدە تۇرىدىغان شەھەرلەر تاللاپ چىقىلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە: چىڭداۋ، كۈنمىڭ، سەنيا، داليەن، ۋېيخەي، سۇجۇ، جۇخەي، شيامېن، شېنجېن، چۇڭچىڭ بار.

  بۇ دوكلاتتىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، جۇڭگودىكى شەھەرلەر ئىچىدە ئولتۇراقلىشىشقا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان شەھەرلەر كۆرسەتكۈچى ئومۇمىي جەھەتتىن تۆۋەن ئىكەن. جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى جەھەتتە ئەڭ يۇقىرى 40 شەھەر ئىچىدە ئولتۇراقلىشىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان شەھەرلەر ئوتتۇرىچە كۆرسەتكۈچى ئاران 59.92 نومۇرغا يېتىپ، ئاھالىلەر ئېتىراپ قىلىدىغان 60 نومۇردىنمۇ تۆۋەن بولغان. دوكلاتتا يەنە بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق چوڭ شەھەرلەر گەرچە شەھەر بىخەتەرلىكى بويىچە باھالاشتا نومۇرى بىرقەدەر يۇقىرى، جامائەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنىڭ قولايلىقى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان بولسىمۇ، لېكىن تۈتەك بۇلغىنىشى، قاتناش قىستاڭچىلىقى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، كېيىن ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر