خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-ئىيۇن، خېرىدارلار فىلورېدا ئىشتاتىنىڭ ئورلاندو شەھىرىدىكى بىر دۇكاندا قورال سېتىۋالماقتا. ئامېرىكا فىلورىدا ئىشتاتىنىڭ ئورلاندو شەھىرىدىكى بىر كېچىلىك بەزمىخانىدا، شۇ يەر ۋاقتى 12-ئىيۇن سەھەردە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 49 كىشى قازا قىلدى، 53 كىشى يارىلاندى. قاتىل ئۆمەر مارتىن ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقاندا ئېتىۋېتىلدى. بۇ، ئامېرىكا تارىخىدىكى ئۆلگەنلەر ئەڭ كۆپ بولغان بىر قېتىملىق قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھەم «11-سېنتەبىر» ۋەقەسىدىن بۇيانقى ئامېرىكىدىكى تالاپەت ئەڭ ئېغىر بولغان تېررورلۇق ھۇجۇم ۋەقەسى بولۇپ قالدى.
ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2015-يىلى ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن ھەرخىل قوراللىق ھۇجۇم قىلىش دىلولىرى 50 مىڭ قېتىمدىن ئاشقان بولۇپ، 13 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قازا قىلغان، 26 مىڭدىن كۆپرەك كىشى يارىلانغان. قوراللىق زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ئامېرىكىدا دائىملىق ھالەت بولۇپ قالدى. قورالنى كونترول قىلىش ئامېرىكىنىڭ يادرولۇق سىياسىي قارالمىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئامېرىكىلىقلارنىڭ قورالنى كونترول قىلىش مەسىلىسىدىكى ئېنىق پوزىتسىيەسىنى ۋە قورالنى قاتتىق كونترول قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەن قورال ھوقۇقىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ سىياسىي بۆلۈنۈشىنى ئەكس ئەتتۈردى. مەنبەنى سۈرۈشتۈرگەندە، ئامېرىكىنىڭ سايلام سىياسىيسى ۋە مەنپەئەت گۇرۇھلىرى دەل قورالنى كونترول قىلىش قارالمىسىنىڭ ئالغا باسماي، بىر تەرەپ قىلىنماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى