خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى) كۇچا ناھىيەسىنىڭ چىمەن بازىرى سۇلايمان كەنتىدىكى «قىزىلتاغ» كەشتىچىلىك دۇكىنىنىڭ قۇرغۇچىسى جىمىلەم مۇھەممەد بۇلتۇر كەنتنىڭ ياردىمىدە 30 كىۋادرات مېتىر كۆلەمدە بىر دۇكان ئېچىپ، تۈرلۈك تويلۇق يوتقان - كۆرپە ، ياستۇق، ئەر - ئايالچە گۈللۈك دوپپا، كانۋا كۆڭلەك قاتارلىقلارنى تىكىپ سېتىپ، ئىقتىسادىي كىرىمىنى ياخشىلىدى. ئۇ يەنە مەھەللىدىكى سەككىز قىز - چوكاننى دۇكىنىغا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارغا چىقىش يولى تېپىپ بەردى .
جىمىلەم مەھەمەد يېقىندا «قىزىلتاغ» ماركىسىنى ئەنگە ئالدۇرۇپ، دۇكاننىڭ نامىنى يىراق - يېقىنغا تونۇتتى .
سۈرەتتە : 14- ئىيۇن، جىمىلەم مەھەممەد ( 1821- سۈرەت - سولدىن 1- كىشى) خېرىدارلىرىغا مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرماقتا
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى