- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
47 تۈرلۈك كەسپىي سالاھىيەت ئىجازەتنامىسى ۋە بېكىتىش ئىشلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
گوۋۇيۈەن 2014-يىلدىن بۇيان كەسپىي سالاھىيەت ئىجازەتنامىسىدىن 319نى ئەمەلدىن قالدۇردى
2016.06.14 15:25 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ قول قويۇپ تەستىقلىشى بىلەن، گوۋۇيۈەن يېقىندا «بىر تۈركۈم كەسپىي سالاھىيەت ئىجازەتنامىسى ۋە بېكىتىش ئىشلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى قارار»نى تارقىتىپ، 47 تۈرلۈك كەسپىي سالاھىيەت ئىجازەتنامىسى ۋە بېكىتىش ئىشلىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
«قارار»دا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: زۆرۈر بولمىغان كەسپىي سالاھىيەت ئىجازەتنامىسى ۋە بېكىتىش ئىشلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش − تۈزۈم خاراكتېرلىك سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، ئالىي تېخنىكوم، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، يېڭىلىق يارىتىشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قالدۇرۇش جەريانىدىكى خادىملارنىڭ ئىش ئورنىنى ئالماشتۇرۇشى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت ھازىرلاپ بەردى. 2014-يىلدىن بۇيان، گوۋۇيۈەن ئىلگىرى-كېيىن بەش تۈركۈمگە بۆلۈپ كەسپىي سالاھىيەت ئىجازەتنامىسى ۋە بېكىتىش ئىشلىرىدىن 272نى ئەمەلدىن قالدۇرغانىدى، بۇ قېتىم يەنە 47 تۈرنى ئەمەلدىن قالدۇردى. شۇنىڭ بىلەن، گوۋۇيۈەن ئېلان قىلىپ ئەمەلدىن قالدۇرغان كەسپىي سالاھىيەت ئىجازەتنامىسى 319غا يېتىپ، گوۋۇيۈەن تارماقلىرى تەسىس قىلغان كەسپىي سالاھىيەت ئىجازەتنامىسى ئومۇمىي سانىنىڭ ٪52نى ئىگىلىدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر