- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۆي مۈلۈك زاپىسى ئۇدا ئۈچ ئاي تۆۋەنلىدى
2016.06.14 15:27 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 13-ئىيۇن ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئېلىمىزنىڭ سېتىلىدىغان تاۋار ئۆي كۆلىمى 721 مىليون 690 مىڭ كۋادرات مېتىر بولۇپ، 4-ئاينىڭ ئاخىرىدىكىدىن 5 مىليون 210 مىڭ كۋادرات مېتىر تۆۋەنلىگەن. بۇ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى ئۆي مۈلۈك زاپىسىنىڭ ئۇدا ئۈچىنچى ئايلىق تۆۋەنلىشى ھېسابلىنىدۇ.
2015-يىلى 6-ئايدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ سېتىلىدىغان تاۋار ئۆي كۆلىمى سىجىل ئېشىپ، ئىسكىلات قالدۇقىنى ئازايتىش بۇ يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتتىكى بەش چوڭ ۋەزىپىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. بۇ يىل 3-ئايدا، تاۋار ئۆي زاپىسى تۇنجى قېتىم تۆۋەنلەپ، شۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆيلەرنىڭ سېتىلىشى ئاشتى. سېتىلىش كۆلىمىدىن قارىغاندا، 1-ئايدىن 5-ئايغىچە، تاۋار ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش كۆلىمى 479 مىليون 540 مىڭ كۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ٪33.2 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى 1-ئايدىن 4-ئايغىچە 3.3 پىرسەنت پوئىنت قايتا ئۆرلىدى. سېتىلىش سوممىسىدىن قارىغاندا، ئالدىنقى بەش ئايدا، تاۋار ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش سوممىسى 3 تىرىللىئون 677 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ٪50.7 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى 5.2 پىرسەنت پوئىنت ئاشتى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر