- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
گوۋۇيۈەن «لەۋزىدە تۇرغانلارنى بىرلىكتە رىغبەتلەندۈرۈش ۋە لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى بىرلىكتە جازالاش تۈزۈمى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي سەمىمىيەت قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى تارقاتتى
2016.06.13 14:59 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن يېقىندا «لەۋزىدە تۇرغانلارنى بىرلىكتە رىغبەتلەندۈرۈش ۋە لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى بىرلىكتە جازالاش تۈزۈمى ئورنىتىپ، ئىجتىمائىي سەمىمىيەت قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى تارقاتتى.
«پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: لەۋزىدە تۇرغانلارنى بىرلىكتە رىغبەتلەندۈرۈش ۋە لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى بىرلىكتە جازالاش − ئىناۋەتنى يادرو قىلغان بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش يېڭى تۈزۈلمىسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىناۋەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش ۋە ئورتاق بەھرىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىناۋەت بويىچە رىغبەتلەندۈرۈش ۋە چەكلەش ئۇسۇلىنى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە قوللىنىپ، ھۆكۈمەت، جەمئىيەت ئورتاق قاتنىشىدىغان رايون، تارماق، ساھە ھالقىغان لەۋزىدە تۇرغانلارنى بىرلىكتە رىغبەتلەندۈرۈش ۋە لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى بىرلىكتە جازالاش مېخانىزمى ئورنىتىپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ قانۇن بويىچە سەمىمىي تىجارەت قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بازارنىڭ نورمال تەرتىپىنى قوغداپ، سەمىمىي ئىجتىمائىي مۇھىت بەرپا قىلىش كېرەك.
«پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: سەمىمىيەت قىلمىشىنى تەقدىرلەش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. سەمىمىي، لەۋزىدە تۇرغان بازار سۇبيېكتلىرىغا قارىتا مەمۇرىي تەستىق «يېشىل يولى» ئېچىش، قولايلىق جامائەت مۇلازىمىتى بىلەن ئالدىن تەمىنلەش، مەمۇرىي نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش، بازار سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش شۇنداقلا، بازار ۋە جەمئىيەتكە پائال تونۇشتۇرۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنى ئېتىبار ۋە قولايلىق بىلەن تەمىنلەشكە يېتەكلەپ، لەۋزىدە تۇرغانلارغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ۋە ئېتىبار بېرىپ، لەۋزىدە تۇرغانلارنىڭ پايدىسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر