باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتى قارا دېڭىز تەۋەلىكىگە كىردى

رۇسىيە «ئىنكاس» قايتۇرماقچى بولدى

2016.06.12 15:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: ئامېرىكىنىڭ «پورتېر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىق قوغلىغۇچى پاراخوتى قارا دېڭىز تەۋەلىكىگە كىردى، رۇسىيە تەرەپ بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرىدۇ، دېدى. رۇسىيە تەرەپ كونكرېت تەدبىر ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بەرمىدى.

  «پورتېر» ناملىق پاراخوت ئىسپانىيەنىڭ روتا دېڭىز ئارمىيە بازىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ئالتىنچى فىلوتىنىڭ تەركىبىي قىسمى. رۇسىيە تاراتقۇلىرى خەۋەر قىلىپ: «پورتېر» ناملىق قوغلىغۇچى پاراخوتقا يېقىندا يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ئورنىتىلغان بولۇپ، نەچچە كۈن ئاۋۋال قارا دېڭىزغا كىرىپ، ش ئا ئە ت بىرلەشمە مانىۋېرىغا قاتناشقان ئىدى، دېدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا ئەمەلدارى: ئىككى ئاۋىياماتكا ش ئا ئە ت باشلىقلار يىغىنىدىن بۇرۇن ئوتتۇرا دېڭىزغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، دېدى.

  رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى رۇسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئالىي ئەمەلدارى ئاندىرى كېلىننىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: رۇسىيە تەرەپ «پورتېر» ناملىق قوغلىغۇچى پاراخوتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى قوللىمايدۇ، بۇنىڭغا چوقۇم ئىنكاس قايتۇرىدۇ، دېدى. ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىزدا ئاۋىياماتكا ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەربىي كۈچىنى نامايان قىلىش مەقسەت قىلىنغان، بۇ روسىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ يامانلاشتۇرۇۋېتىدۇ، دېدى.

  ئۇكرائىنا كىرىزىسى پارتلاپ، قىرىم روسىيەگە قوشۇۋېتىلگەندىن كېيىن، روسىيە بىلەن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى سوغۇق ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى يېڭى تۆۋەن ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. ش ئا ئە ت: رۇسىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي قىسىمدىكى ئەزا دۆلەتلىرىگە ھەربىي تەھدىت سالدى، پولشا قاتارلىق دۆلەتلەر شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي قىسىم چېگرادا ھەربىي مەۋجۇدلۇقىنى ساقلىشىنى تەلەپ قىلدى، دېدى. روسىيە: ش ئا ئە ت روسىيە چېگراسىغا يېقىن رايوندا ھەربىي كۈچنى كۈچەيتىپ، روسىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالدى، دەپ تەنقىدلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر