باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مېركىل: گېرمانىيە جۇڭگونىڭ قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتىغا قاتنىشىشنى خالايدۇ، دېدى

2016.06.12 15:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گېرمانىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمېتى زوڭلىسىنىڭ ئورگان تورىدا 11-ئىيۇن گېرمانىيە زوڭلىسى مېركىل يېقىندا قۇبۇل قىلغان گېرمانىيەدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىنىڭ مەخسۇس زىيارىتى ئېلان قىلىندى. مېركىل زىيارەتتە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە، جۇڭگونىڭ ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتى «ئىنتايىن مۇھىم ھەم ئىنتايىن باتۇرانە»، گېرمانىيە بۇنىڭغا قاتنىشىشنى خالايدۇ.

  گوۋۇيۈەن زوڭلىسى لى كېچياڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، مېركىل 12-ئىيۇندىن 14-ئىيۇنغىچە جۇڭگودا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ.

  مېركىل زىيارەتتە ئۆزىنىڭ جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە شېنياڭنى كۆرۈدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال رايونى نۆۋەتتە قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بولۇپ، گېرمانىيەمۇ ئىلگىرى ئوخشايدىغان جەرياننى باشتىن كەچۈرگەن. شىمالىي رېين-غەربىي فالىن شىتاتى ئىلگىرى پولات-تۆمۈر سانائىتىگە تايىنىدىغان بولۇپ، مېركىل ئۆزىنىڭ بۇ شىتاتنى ئويلىغىنىدا جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال رايونى دۇچ كېلىۋاتقان ئوخشاش مەسىلىنى ھېس قىلالايدىغانلىقىنى، مېركىل جۇڭگو تەرەپنىڭ قانداق ھەرىكەت پىلانى تۈزگەنلىكىگە، گېرمانىيە تەرەپنىڭ پىكىر ۋە ھەرىكەتتىكى ياردەم بېرەلەيدىغان- بېرەلمەيدىغانلىقىغا قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، جۇڭگو-گېرمانىيە ئىككى دۆلەت زوڭلىلىرى بىرلىكتە 4-نۆۋەتلىك جۇڭگو-گېرمانىيە ھۆكۈمەتلىرى سۆھبىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. مېركىل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گېرمانىيە-جۇڭگو ھۆكۈمەتلىرى سۆھبىتى ئىنتايىن مۇھىم، بۇ مېخانىزم ئارقىلىق ئىككى تەرەپنىڭ نۇرغۇن تارماقلىرى تۈرلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ھەمكارلىق ئاساسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك كېڭەيتتى، ھەمكارلىق بوشلۇقىمۇ كېڭەيتىلدى. ھەر يىللىق ھۆكۈمەتلەر سۆھبىتى ئارقىلىق، گېرمانىيە-جۇڭگو ئىككى تەرەپ ھەر تۈرلۈك ئىشلارنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ، بۇ ھەم داۋاملىق ھەمكارلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە پايدىلىق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر