باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ گاۋلى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى توماس باخ بىلەن كۆرۈشتى

2016.06.13 14:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى تۈنۈگۈن جۇڭنەنخەيدە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى توماس باخ بىلەن كۆرۈشتى.

  جاڭ گاۋلى رەئىس باخ ۋە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ جاڭجياكو شەھىرى بىلەن بىرلىكتە 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئىلتىماسىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: سىزنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىڭىز ھەمدە بېيجىڭ ئولىمپىك مۇنارىغا ئىسىم قويۇش ، ئولىمپىك بەلگىسى بولغان بەش ھالقىنى چۈشۈرۈش مۇراسىمىغا قاتنىشىشىڭىز،ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنىڭ جۇڭگودىكى تەرەققىياتىنى جەزمەن تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرىدۇ. جۇڭگو 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى؛ رەئىس شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بەردى. بىز خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكەت كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە ، تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى پۇختا ئۈنۈملۈك ئىشلەۋاتىمىز. بىز يېشىل ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش، ئۇنىڭدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش، ئېچىۋېتىش، پاك ئۆتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بىر نۆۋەتلىك ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت كاتتا مەرىكىسىگە ئايلاندۇرىمىز.

  باخ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلى كومىتېتى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى مۇجەسسەملەپ ۋە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مىراسىدىن پايدىلىنىپ، ئولىمپىك 2022-يىللىق قارالمىسىنىڭ روھىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى. بېيجىڭنىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىشىگە ئىشىنىمەن. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندوڭ يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر