باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى يۇقىرى تېمپېراتۇرا قىزغۇچ سېرىق سىگنالى تارقاتتى

2016.06.13 15:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئىيۇن، ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى يۇقىرى تېمپېراتۇرا قىزغۇچ سېرىق سىگنالى تارقاتتى: مۆلچەرلىنىشىچە، 12-ئىيۇن كۈندۈزدىن 15-ئىيۇنغىچە (جەنۇبىي شىنجاڭدا 17-ئىيۇنغىچە داۋاملىشىدۇ)، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقى، تۇرپان-پىچان-توقسۇن ئويمانلىقى ۋە بۆرتالا، شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەڭرىتاغ ئەتراپى، قۇمۇل قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا 35 گىرادۇستىن ئاشىدىغان يۇقىرى تېمـپېراتۇرىلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جەنۇبى، تۇرپان-پىچان-توقسۇن ئويمانلىقى، قۇمۇلنىڭ جەنۇبىي ۋە بورتالا ئوبلاستى، شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەڭرىتاغ ئەتراپىدىكى قىسمەن رايونلاردا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 37 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشىدۇ. تۇرپان-پىچان-توقسۇن ئويمانلىقىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا 40 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالدىن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 12-ئىيۇن كېچىدە ئالتاي، تەڭرىتېغىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي تاغلىق رايونلىرى قاتارلىق جايلاردىكى قىسمەن رايونلاردا ئازراق ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدۇ، تاغلىق رايوننىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال يامغۇر ياغىدۇ. 14-ئىيۇن كېچىدىن 15-ئىيۇن كۈندۈزگىچە، ئىلى دەرياسى ۋادىسى، ئالتاينىڭ شىمالى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي تاغلىق رايونلىرى قاتارلىق جايلاردىكى قىسمەن رايونلاردا ئازراق ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدۇ، تاغلىق رايوننىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال يامغۇر ياغىدۇ. كەلگۈسى ئۈچ كۈن ئىچىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى باشقا جايلاردا ھاۋا ئوچۇق، بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى چوڭ بولمايدۇ.

  ئەمدىلا ئۆتكەن بىر ھەپتە ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاساسلىق شەھەر رايونىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 32 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولغان. كېيىنكى بىر ھەپتىدە، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى داۋاملىشىدىكەن.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھاۋارايى ئىستانسىسىنىڭ ئالدىن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 12 -ئىيۇن كېچىدىن 13-ئىيۇن كۈندۈزگىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۇقىرى تېمپېراتۇرا 34 سېلسىيە گىرادۇس، تۆۋەن تېمپېراتۇرا 23 سېلسىيە گىرادۇس بولىدىكەن. كەلگۈسى ئۈچ كۈندە، شەھەر بويىچە ھاۋا كۆپىنچە ئوچۇق، بەزىدە بۇلۇتلۇق بولىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، 14-ئىيۇن كېچىدىن 15- ئىيۇن كۈندۈزگىچە، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 35 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىدىكەن.

  ھاۋارايى تارماقلىرى ئەسكەرتىدۇ: كەلگۈسى 24 سائەتتە ئالتاي، تەڭرىتېغىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلىرىدىكى قىسمەن جايلاردا قىسقا ۋاقىتلىق كونۋېكسىيەلىك ھاۋارايى كۆرۈلۈش مۇمكىنچىلىكى بىر قەدەر چوڭ، ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىش لازىم؛ كەلگۈسى ئۈچ كۈندە، جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا بىر قەدەر يۇقىرى، ئورمان ۋە ئوتلاق ئوت ئاپىتى خەۋپى كېلىمات دەرىجىسى يۇقىرى، شۇڭا ھارارەتنى پەسەيتىپ، ئىسسىقتىن ساقلىنىش ۋە بىخەتەر ئوت ئىشلىتىشكە دىققەت قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر