باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئامېرىكا ئىستراتېگىيىسى ۋە ئىقتىساد سۆزلىشىشى بىلەن 7-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئامېرىكا ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى يۇقىرى قاتلام كېڭىشىنىڭ بىرلەشمە ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

2016.06.07 14:33   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

شى جىنپىڭ 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئامېرىكا ئىستراتېگىيىسى ۋە ئىقتىساد سۆزلىشىشى بىلەن 7-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئامېرىكا ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى يۇقىرى قاتلام كېڭىشىنىڭ بىرلەشمە ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ئىيۇن دىياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئامېرىكا ئىستراتېگىيىسى ۋە ئىقتىساد سۆزلىشىشى بىلەن 7-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئامېرىكا ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى يۇقىرى قاتلام كېڭىشىنىڭ بىرلەشمە ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتەيلى دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، ئەڭ چوڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەت ۋە ئالدىنقى ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى جاسارەتلىك بىلەن ئۈسىتىگە ئېلىپ،جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىش يۆنىلىشىگە قاراپ داۋاملىق ئىلگىرىلەش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ بىزگە بولغان ئەڭ ئاساسلىق ئىلھامى شۇكى، ئىككى تەرەپ توقۇنۇشماسلىق ، قارشىلاشماسلىق، ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ يېڭىشتىن ئىبارەت پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى قۇرۇلۇشىنى تەۋرەنمەستىن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خەلقئارا ۋەزىيەت قانداق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ،بۇ يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇشىمىز شۇنداقلا قىلچە تەۋرەنمەستىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە ماكرو ئىقتىسادىي سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن بىرگە 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى خاڭجۇ باشلىقلار ئۇچرىشىشىدا ئىجابىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلىشىگە تۈرۈتكە بولۇپ، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا تەڭ مەنپەئەتلىنىدىغان جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىككى تەرەپلىك مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنىڭ بالدۇرراق ھاسىل قىلىنىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ كېلىمات ئۆزگىرىشى، تەرەققىيات، تور، كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىككى ئارمىيە ، قانۇن ئىجراسى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ زور خەلقئارا ۋە رايون ھەتتا يەر شارى خاراكتىرلىق مەسىلىلەردىكى ئالاقىسى ۋە ماسلىشىشىنى كۈچەيتىش لازىم. بىز ئىختىلاپ ھەمدە نازۇك مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشىمىز كېرەك. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا قىسمەن ئىختىلاپنىڭ بولىشى نورمال ئەھۋال. ئىككى تەرەپ مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلىش ياكى ئەمەلىي ۋە ئىجابىي پوزىتسىيە بىلەن تىزگىنلەش كېرەك. ئىككى تەرەپ ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرىقنى ساقلاپ قىلىشتا چىڭ تۇرغاندىلا جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە ئېغىر ئاۋارىچىلىقلاردىن ساقلانغىلى بولىدۇ. بىز ئاسىيا تىنىچ ئوكيان ئىشلىرىدا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. بىپايان تىنچ ئوكيان ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ قورشاۋ شاھمات مۇسابىقە مەيدانىغا ئايلىنىپ قالماي بەلكى كەڭ قورساق ھەمكارلىشىدىغان چوڭ سەھنىگە ئايلىنىشى كېرەك. جۇڭگو سەمىمىي ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈدىغان ئەتراپ دىپلوماتىيە قارىشىغا ئەمەل قىلىپ، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقى ، مۇقىملىقى ، تەرەققىياتىنى باشتىن ئاخىر كۈچەپ ئىلگىرى سۈرىدۇ. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدا كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە، شۇڭا دائىملىق سۆزلىشىپ، تېخىمۇ كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىپ، تۈرلۈك خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ئورتاق دوستلۇق چەمبېرىكىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىشى، رايوننىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى بەرپا قىلغۇچىلىرى ، قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو يولغا قويغان 13- بەش يىللىق پىلاننىڭ باشلىنىش يىلى. بىزنىڭ جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە بىكىتىلگەن نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان ئىشەنچىمىز كامىل.جۇڭگو دۇنيانى تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىشىدۇ. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو ئامېرىكا ئىستراتېگىيىسى ۋە ئىقتىساد سۆزلىشىشى بىلەن ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش يۇقىرى قاتلام كېڭىشىش مېخانىزمى ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئۆز ئارا ئىشىنىشى ، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەمكارلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىش، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى. بىز يۆنىلىشنى بېكېتىپچىداملىق بولساقلا جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى قۇرۇلۇشىنى جەزمەن ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە ھەر قايسى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخىت يارىتالايمىز .

  ئامېرىكا زوڭتۇڭى ئوباما 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئامېرىكا ئىستراتېگىيىسى ۋە ئىقتىساد سۆزلىشىشى بىلەن 7-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئامېرىكا ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى يۇقىرى قاتلام كېڭىشىگە خەت ئەۋەتتى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زوڭلىسى ليۇ يەندوڭ، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زوڭلىسى ۋاڭ ياڭ، دۆلەت كومىسسارى ياڭ جيېچى بىلەن ئوبامانىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى ،دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى، مالىيە مىنىسىتىرى ياكوب لۇ قاتارلىقلار بىرلەشمە ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: جايلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلىشىنى رىغبەتلەندۈرىدىغان ك…
    ·بۇ يىل 9 مىليون 400 مىڭ كىشى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتتى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە ھەرقايسى ئۆلكە ( ئاپتونوم رايون، شەھەر )نىڭ 2016-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان…
    ·بۈگۈندىن باشلاپ، دۆلەتلىك ئىمتىھاندا كۆچۈرمىكەشلىق قىلغانلارنىڭ ئۈچ يىلغىچە ئىمتىھانغا قاتنىشىشى چە…
    ·قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتى- كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ جۇڭگولوق ئوقۇتقۇچىلىرى جۇڭگونىڭ ئالمۇتادا تۇرۇشلۇق …
    ·مائارىپنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزەيلى
    ·ئاپتونوم رايون ھەر يىلى 50 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، مائارىپنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇشقا كا…
    ·نومۇر قوشۇش تۈرلىرى قىسقارتىلىدۇ
    ·ئاپتونوم رايونىمىز ھەر يىلى 50 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇ…
    ·ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ئېلىنىدىغان يېزىقچە سالاھىيەت ئىمتىھانى ھەر يىلى 3-ئاي ۋە…