باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىن چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن ئىككى جىنايەتچى گۇماندارى قايتۇرۇپ كېلىندى

2016.06.13 14:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ بۈگۈن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن ئىككى ئىقتىسادىي جىنايەت گۇماندارىنى لائوس، بىرمىدىن قايتۇرۇپ كېلىپ قولغا ئالغان.

  4-ئاينىڭ 3-كۈنى، جامائەت ئامانەت پۇلىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلىش دېلوسىدىكى جىنايەت گۇماندارى جاڭ *بىرمىدىن ۋەتەنگە قايتۇرۇپ كېلىنىپ، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ كۈنمىڭ ئايرودۇرۇمىدا، چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورنىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن قولغا ئېلىندى. 4-ئاينىڭ 7-كۈنى، قەشقەر شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ساقچىلىرى ئۇنى يالاپ ئېلىپ كەلدى.

  1-ئاينىڭ 25-كۈنى، خوتەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئىقتىسادىي رازۋېدكا چوڭ ئەترىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا لائوسقا قېچىپ كەتكىلى ئىككى يىل بولغان ئىقتىسادىي جىنايەت گۇماندارى زېڭ × نى دۆلەتكە قايتۇرۇپ كەلدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، «تۈلكە ئوۋلاش- 2015» مەخسۇس ھەرىكىتى باشلانغاندىن بۇيان، شىنجاڭ ساقچىلىرى چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن سەككىز ئىقتىسادىي جىنايەت گۇماندارىنى ۋەتەنگە قايتۇرۇپ كېلىپ قولغا ئالغان. «تۈلكە ئوۋلاش-2015» مەخسۇس ھەرىكىتى مەزگىلىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى جەنۇبىي ئافرىقا، قازاقىستان، تۈركىيە، ئاۋمېن قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىن چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن ئالتە ئىقتىسادىي جىنايەت گۇماندارىنى قايتۇرۇپ ئەكىلىپ قولغا ئالغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر