خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئىيۇن، جۇڭگو قورغاس 6 - نۆۋەتلىك ئۈستىقۇددۇس ساياھەت بايرىمى باشلاندى، بۇ بايرام 10 مىڭغا يېقىن ساياھەتچىنى كېلىپ گۈل - چىچەكلەرنى تاماشا قىلىشقا جەلپ قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق ساياھەت بايرىمى 9-ئىيۇن باشلىنىپ، 20-ئىيۇلغىچە 41 كۈن ئۆتكۈزۈلىدىكەن. ساياھەت بايرىمى ئۆتكۈزۈلۈشنىڭ ھارپىسىدا، قورغاس ناھىيەسى بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى سەككىز كارخانا تۈرگە ئالاقىدار بولغان ئېنىرگىيە بايلىقى، يىپەك يولى مەدەنىيىتى، كىيىم - كېچەك، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، بىيو تېخنىكا، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىق ساھەلەر بويىچە مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا كىلىشىم ئىمزالىغان بولۇپ، كېلىشىمدىكى پۈتۈشكەن سوممىسى 5 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يېتىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى