باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دولان مەدەنىيىتى تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى

2016.06.12 15:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋەر قىلىدۇ) جۇڭگو خەلقئارا رادىيو- تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى، تەڭرىتاغ تورى قاتارلىق تارتقۇلاردىن تەشكىللەنگەن « CRI شىنجاڭنىڭ 2016-يىلىنى ھېس قىلىش-مەن شىنجاڭلىق» زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر 4-ئىيۇن ئاۋات ناھىيەسىگە كېلىپ، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ مەدەنىيەت تارىخى، خەلقنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى، گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىسىنى سۈرەتكە ئالدى. يەرلىكتىكى ئامما ۋە ئالاقىدار مەسئۇللاردىن ئەھۋال ئىگىلەش، ئۆزى بىۋاسىتە ھېس قىلىش، خاتىرە قالدۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق، كۆپ خىل نۇقتىئىينەزەردە تۇرۇپ ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، «دولان مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە قوغداش توغرىسىدا» مەخسۇس زىيارەت خەۋىرى ئىشلىدى .

  زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر يەنە ئاۋات ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتىدا، ئاۋات ناھىيەسىدىكى دېھقان ئەل نەغمىچىلەر ئورۇنلىغان دولان مۇقاملىرىنى ئاڭلاپ، ناھايىتى ھەيران قالدى. دىھقان رەسساملار ئۆز ئۆز قولى بىلەن سىزىپ چىققان، دىھقانلار تۇرمۇشى جانلىق ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن دولان دىھقانلار رەسىملىرى كۆپچىلىكنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى.

  زىيارەت ئۆمىدىكىلەر ئاۋات ناھىيەسىنىڭ دولان مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، دولان مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر