10-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قاتارلىق رەھبەرلەر ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالدا، يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن ئىچكى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنى كۈتۈۋالدى. سۈرەتتە: ئەركىن تۇنىياز بىلەن ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇتقۇچىسى پاراڭلاشماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قاتارلىق رەھبەرلەر ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىغا بېرىپ بېيجىڭ، تيەنجىن قاتارلىق ئالتە جايدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇپ يۇرتىغا قايتقان 673 ئوقۇغۇچى ۋە ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ 55 ئوقۇتقۇچىسىنى كۈتۈۋالدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى