باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەزگىلىدە، ھەربىيدىن كەسىپ ئالماشتۇرغان كادىرلارنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم كۆرسەتمە بەردى

ھەربىيدىن كەسىپ ئالماشتۇرغان كادىرلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، غەمخورلۇق قىلىپ، خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى سىياسەت كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك

مەملىكەتلىك ھەربىيدىن كەسىپ ئالماشتۇرغان كادىرلارنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى ليۇ يۈنشەن يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى

2016.06.08 14:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2016-يىللىق مەملىكەتلىك ھەربىيدىن كەسىپ ئالماشتۇرغان كادىرلارنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى 7-ئىيۇن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەزگىلىدە، ھەربىيدىن كەسىپ ئالماشتۇرغان كادىرلارنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا قىلغان مۇھىم سۆزى يەتكۈزۈلۈپ، سۆزنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەربىيدىن كەسىپ ئالماشتۇرغان كادىرلارنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ يېقىندا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەزگىلىدە ھەربىيدىن كەسىپ ئالماشتۇرغان كادىرلارنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسدىكى ھۆججەتنى قاراپ چىققاندا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەربىيدىن كەسىپ ئالماشتۇرغانلارنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەربىيدىن كەسىپ ئالماشتۇرغان كادىرلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ غەمخورلۇق قىلىپ، خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، جامائەت پىكرى تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھەربىيدىن كەسىپ ئالماشتۇرغانلارنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشنى غەلىبىلىك تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر