باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇنجى نۆۋەتلىك ب د ت مائارىپ پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ قىز بالىلار ۋە ئاياللار مائارىپى مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

2016.06.07 15:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇنجى نۆۋەتلىك ب د ت مائارىپ پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ قىز بالىلار ۋە ئاياللار مائارىپى مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى 6-ئىيۇن بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى، ب د ت مائارىپ پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ باش خادىمى بوكوۋا مۇراسىمغا قاتناشتى، خەلقئارا قىز بالىلار ۋە ئاياللار مائارىپ تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ كۇرسانتلىرى، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى ھەمدە بېيجىڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ، 300دىن كۆپرەك كىشى پائالىيەتكە قاتناشتى. مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا جۇڭگونىڭ قىز بالىلار ۋە ئاياللار مائارىپى نەتىجىلىرى ھەققىدىكى قىسقا فىلىم قويۇلدى، ئىككى نەپەر مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئورۇن ۋەكىللىرى ئايرىم ھالدا سۆز قىلدى، خەلقئارا قىز بالىلار ۋە ئاياللار مائارىپ تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ كۇرسانتلىرى، بېيجىڭدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىرلىكتە نادىر ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلىدى.

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ خانىمى، ب د ت مائارىپ، پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ قىز بالىلار ۋە ئاياللار مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئالاھىدە ئەلچىسى پېڭ لىيۈەن مۇكاپاتلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. پېڭ لىيۈەن، باراۋەر بولغان مائارىپ پۇرسىتى ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىدىكى مۇھىم ئۇل. قىز بالىلار ۋە ئاياللار مائارىپى ئىشلىرى بىر تۈرلۈك ئۇلۇغۋار ئىش. ب د ت مائارىپ، پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ قىز بالىلار ۋە ئاياللار مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئالاھىدە ئەلچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۆزۈمنىڭ بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلىپ، ئاياللارنىڭ مائارىپ ھوقۇقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بارچە كۈچۈم بىلەن تىرىشىشنى خالايمەن، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر