باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سۇنىڭ تەنتەربىيەسى ئىككى مىليارد يۈەن بىلەن خەلقئارا مىلان كۇلۇبىنى كونترول قىلدى

2016.06.07 15:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جياڭسۇ سۇنىڭ گوروھى 6-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، بايرىقى ئاستىدىكى سۇنىڭ تەنتەربىيە كەسپى گوروھىنىڭ 270 مىليون ياۋرو (تەخمىنەن ئىككى مىليارد 12 مىليون يۈەن خەلق پۇلى) ئومۇمىي باھا بىلەن، پاينى سېتىۋېلىش شەكلى بىلەن، خەلقئارا مىلان پۇتبول كۇلۇبىنىڭ تەخمىەن %70 پېيىگە ئېرىشكەنلىكىنى جاكارلىدى. سودا تاماملانغاندىن كېيىن، خەلقئارا مىلان كۇلۇبىنىڭ رەئىسى ئېرىك توھىر بايرىقى ئاستىدىكى ISC يەنىلا %30 پاينى تۇتۇپ تۇرىدۇ.

  1908-يىلى قۇرۇلغان خەلقئارا مىلان دۇنيا پۇتبول سەھنىسىدىكى ئەڭ داڭلىق كۇلۇبلارنىڭ بىرى بولۇپ، جۇڭگودا زور تۈركۈمدە پۇتبول مەستانىلىرى بار. تارىختا ئۈچ قېتىم ياۋروپا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسى (كۇلۇبنىڭ ئالدىنقى ئاساسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ چېمىيونى بولغان، ئۈچ قېتىم ياۋروپا ئىتتىپاقى لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولغان، 18 قېتىم ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولغان، 7 قېتىم ئىتالىيە پۇتبول جەمئىيىتى لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولغان، 2010-يىلى ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر، ئىتالىيە لوڭقىسى ۋە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ «ئۈچ چېمپىيون شاھى» بولغان. بىراق موراتتى كوماندىغا بولغان سېلىنمىنى تەدرىجىي ئازايتتى، خەلقئارا مىلان كوماندىسىنىڭ نەتىجىسىمۇ يىلسىرى تۆۋەنلىدى. 2013-يىلى ھىندونىزىيەلىك توھىر خەلقئارا مىلاننىڭ رەئىسى بولدى، بىراق ئۇ كۇلۇب ۋە توپ مەستانىلىرىغا تۈپتىن ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلەلمىدى، يېقىندا ئاخىرلاشقان بۇ مۇسابىقە پەسلىدە خەلقئارا مىلان كوماندىسى ئاران ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىدە 4- بولۇپ، كېيىنكى پەسىلدە ياۋروپا بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر