خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 2-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن «خەلق سارىيى»نىڭ ئالتۇن زالىدا، 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو مۇھاجىرلىرى، جۇڭگولۇقلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتى بىرلەشمە دوستلۇق يىغىنىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.
لى كېچياڭ ئالدى بىلەن جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، بۇ نۆۋەتلىك يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، يىغىنغا قاتناشقان جۇڭگو مۇھاجىرلىرى، جۇڭگولۇقلار ۋەكىللىرى ۋە ئۇلار ئارقىلىق مەملىكەت سىرتىدىكى 60 مىليوندىن ئارتۇق مۇھاجىر قېرىنداشتىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ياخشى تىلەك تىلىدى.
لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا مىللەتلىرى بىر چوڭ ئائىلە، ئۇزاق ۋاقىتتىن بۇيان، بۇ چوڭ ئائىلىنىڭ ئەزالىرى ئۆچمەس دۆلەت ھېسسىياتى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يىلتىزىنى قوغدايدىغان كۈچلۈك ئاڭنى ساقلاپ كەلدى. چەت ئەللەردىكى مۇھاجىر قېرىنداشلار جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەمگەكچان، پاراسەتلىك، غەيرەتلىك، كەڭ قورساق بولۇشتەك ئېسىل پەزىلىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، توختىماي ئالغا ئىلگىرلەپ، قالتىس نەتىجىلەرنى يارىتىپ، دوستلۇق ئۇرۇقىنى چاچتى. كۆپچىلىك ياقا يۇرتتا بولسىمۇ، ئۆز يۇرتىغا مۇھەببەت باغلاپ، جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىنى پائال قوللاپ قاتنىشىپ، ۋەتىنىنىڭ ۋە ئانا يۇرتىنىڭ گۈللەپ راۋاجلىنىشىغا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى