باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

رەئىس شى جىنپىڭ ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن جۇڭگو ئارمىيە خىزمىتى گۇرۇپپىسى ھەربىي ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ مالىغا باردى

2016.06.03 15:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رەئىس شى جىنپىڭ ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، جۇڭگو ئارمىيەسى ئەۋەتكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى 2-ئىيۇن ھاۋا ئارمىيە ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ، مالى گائو رايونىغا بېرىپ، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن تىنچلىقنى ساقلاش ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقان جۇڭگولۇق ئوفىتسېر-ئەسكەرلەردىن سەمىمىي ھال سوراپ، ھۇجۇمدا تالاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرى ۋە قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ب د ت نىڭ مالىدىكى مۇقىملىقنى كۆپ قاتلام، ئۇنىۋېرسال قوغداش خاس پولكى بىلەن مالى ھۆكۈمىتىنى ماسلاشتۇرۇپ ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىپ، تىنچلىقنى ساقلاش ئەترىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، تىنچلىقنى ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلدى.

  خىزمەت گۇرۇپپىسىغا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تىنچلىقنى ساقلاش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، گېنېرال سۇ گۇاڭخۇي يېتەكچىلىك قىلغان بولۇپ، ئازادلىق ئارمىيە باش دوختۇرخانىسىنىڭ داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ۋەزىپە قىسمىدىكى ئالاقىدار خادىملاردىن تەركىب تاپقان.

  جۇڭگو ب د ت نىڭ تىنچلىقنى ساقلاش ھەرىكىتىنى داۋاملىق قوللاپ، ھەر قانداق شەكىلدىكى تېررورلۇق ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قەتئىي قوغدايدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر