باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ ھەپتە ئۈرۈمچىدە ئۇدا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ، تۇرپاندا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃ 42گە يېتىدۇ

2016.06.07 15:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4- ئىيۇن كەچتە، ئۈرۈمچى شەھەر رايونى ۋە جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى، يۇقارقى تاغدا ئۆتكۈنچى يامغۇرلۇق ھاۋا رايى كۆرۈلۈپ، قىسقا ھۆل - يېغىن بىر كېچىلىك سالقىنلىقنى ئېلىپ كەلدى. ئەمما، 5 - ئىيۇن ئۈرۈمچىدە يۇقىرى تېمپېراتۇرا يەنىلا ℃ 30 چىقتى. بۇ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئۈرۈمچىدە 2- قېتىم ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃ 30 تىن ئېشىشى ھىسابلىنىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيەن مۇنداق دېدى: ھاۋا رايى مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ ھەپتە ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئاساسەن ℃ 30 تا بولىدۇ، شەھەر ئەتراپىدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃ 35 قا يېتىدۇ. ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، يىللاردىن بۇيانقى ئوخشاش مەزگىلدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا پەرقى بەك چوڭ بولمايدۇ. بىراق 5 - ئايدا تېمپېراتۇرا ئىزچىل بىرقەدەر تۆۋەن بولدى، شۇڭا كىشىلەر بىردىنلا ئىسسىق ھېس قىلدى، ئەمەلىيەتتە بۇ، بۇ پەسىلدىكى نورمال تېمپېراتۇرىدىن ئىبارەت.

  پۈتۈن شىنجاڭ مىقياسىدىن قارىغاندا، جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە تۇرپاندا بۇ ھەپتە تېمپېراتۇرا يەنە ئۆرلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە تۇرپاننىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃ 42 قا يەتتى. مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىگە ئاساسەن 6 - ئىيۇن كۈندۈزدىن 8 - ئىيۇن كۈندۈزگىچە جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقى، تۇرپان، پىچان، توقسۇن ئويمانلىقىدا ℃35 تىن يۇقىرى ئىسسىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن. بۇلار ئىچىدە ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ، خوتەن، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جەنۇبى، تۇرپان، پىچان، توقسۇن ئويمانلىقى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرا ℃ 37 تىن يۇقىرى، تۇرپان، پىچان، توقسۇن ئويمانلىقىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا 40℃ تىن يۇقىرى بولىدىكەن.

  ھاۋا رايى تارماقلىرى مۇنداق ئەسكەرتتى: بۇ ھەپتە شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا ھاۋا ناھايىتى ئىسسىق بولىدۇ، يامغۇر ئاز ياغىدۇ، تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولۇپ، دەل يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئۇدۇل كېلىپ قالىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئاتا - ئانىلىرىنىڭ ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىشىنى ھەم ئۇلترا بىنەپشە نۇردىن قوغدىنىشىنى ئەسكەرتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر