باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۈن جىيەنگو شانگىرىلا سۆزلىشىشىدە جۇڭگونىڭ رايون بىخەتەرلىك سىياسىتىنى شەرھلىدى

2016.06.06 15:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى بىرلەشمە ئىشتاب بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن ئىشتاب باشلىقى سۈن جەنگو 5- ئىيۇن 15- نۆۋەتلىك شانگىرىلا سۆزلىشىشىدە ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا تۆت نۇقتىلىق تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  بۇ تەشەببۇس، تىنچلىق ۋە تەرەققىياتنىڭ دەۋر ئاساسى تېمىسىنى ئىگىلەپ، بىخەتەرلىكنى تۈزەشنىڭ توغرا يۆلىنىشىدە چىڭ تۇرۇش؛ ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىغا ۋە ئۆز ئارا ئەينەك قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، بىخەتەرلىكنى تۈزەشنىڭ ئاساسىنى مەھكەم ئىگىلەش؛ سۆزلىشىش ۋە كېڭىشىش جەريانىدا ئۆز ئارا چۈشىنىپ ۋە يول قويۇپ، بىخەتەرلىكنى تۈزەشنىڭ قارىشىنى بەرپا قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.

  سۈن جىيەنگو جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي دېڭىز ياقىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، جەنۇبىي دېڭىز ۋەزىيىتى ئومۇمي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، جەنۇبىي دېڭىز قاتنىشىشنىڭ ئەركىنلىكىمۇ بىر قىسىم تالاش تارتىشلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىدى. جۇڭگو، زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز ئوكيان ھوقۇق مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغداش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تالاش تارتىشلارنى سۆھبەتلىشىش ۋە كېڭىشىش ئارقىلىق تىنچ ھەل قىلىش، مىزان ۋە مېخانىزم ئارقىلىق ئىختىلاپلارنى باشقۇرۇش ۋە كونترول قىلىش، ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ دېڭىز قاتنىشى ۋە ھاۋا قاتنىشىنىڭ ئەركىنلىكىنى قوغداش، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشتا باشتىن ئاخىرى چىڭ تۇرۇپ كەلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر