باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نۇرغۇن ئۆلكىنىڭ تەننەرخنى تۆۋەنلىتىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى ئېلان قىلىندى

كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ، تىپىنى ئۆزگەرتىشىگە پايدىلىق

2016.06.06 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خېنەن ئۆلكىسى ئىيۇننىڭ باشلىنىشى بىلەن ئەمەلىي ئىقتىساد كارخانىلىرىنىڭ تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش مەخسۇس ھەرىكەت لايىھەسىنى پرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللىدى. تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ بەش چوڭ مۇھىم ۋەزىپىسىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەر قايسى ئۆلكىلەر 2016-يىلى ئالدى بىلەن تەننەرخنى تۆۋەنلىتىدۇ. ھازىرغىچە، خېبېي، سەنشى، جىلىن، لياۋنىڭ، جېجياڭ، جياڭسۇ، گۈيجۇ، يۈننەن، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق شەرقىي-ئوتتۇرا-غەربىي رايونلار ئالاقىدار تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق قارىدى: 2016-يىلنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا داۋاملىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلىدۇ، كارخانىلار تېخىمۇ كۆپ ئېشىنچا مەبلەغكە ئېرىشىپ، مەبلەغ سېلىش، يېڭىلىق يارىتىش، تىپىنى ئۆزگەرتىشكە ئىشلىتىدۇ.

  تەننەرخنى تۆۋەنلىتىشنىڭ ئۈنۈمى دەسلەپكى قەدەمدە نامايان بولدى

  باج خىراجىتى، ئەشيا-ئوبوروت، ئادەم كۈچى قاتارلىق تەننەرخلەر، ھەر قايسى ئۆلكىلەر ئېلان قىلغان تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش يېتەكچى لايىھەسىدە كېمەيتىلىدىغان ئاساسلىق نىشانلاردۇر. بۇ لايىھەلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى كارخانىلارغا مەبلەغنى زور دەرىجىدە تېجەپ بېرىدۇ. خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر ئۆلكىدە «كارخانىلارنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، بازار ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش توغرىسىدىكى پىكىر» يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، كارخانىلار 2016-يىلىلا تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش بويىچە 80 مىليارد يۈەن تېجەپ قالغان.

  بەزى مۇتەخەسسىسلەر بۇ يىل ھۆكۈمەت يولغا قويغان تۈرلۈك تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرلىرىنى تەخمىنەن قوشۇپ، كارخانىلارنىڭ بۇ يىل تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش بويىچە تىرىليون يۈەن تېجەيدىغانلىقىنى ھېسابلىدى. ھازىر ئوتتەك قانات يايدۇرىلىۋاتقان باج تۈزۈمى ئىسلاھاتىدىن باشقا، سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئېلىمىزنىڭ ئەشيا-ئوبوروت تەننەرخىدىمۇ تۆۋەنلىتىش بوشلۇقى بارلىقىنى مۆلچەرلىدى، ساھە ئىچىدىكى زاتلار بۇ يىل ئەشيا-ئوبوروت تەننەرخىنىڭ بىر پىرسەنت پوئىنىت تۆۋەنلىسە، كارخانىلارنىڭ 600 مىليارد يۈەن پايدا ئالىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر