باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«شى جىنپىڭنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2016.06.06 16:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت تەتقىقات ئىشخانىسى تۈزگەن «شى جىنپىڭنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» ناملىق كىتاب يېقىندا مەركىزىي ھۆججەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ، مەملىكەت بويىچە تارقىتىلدى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى چۆرىدەپ بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەپەككۇر، يېڭى ئىستراتېگىيە ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ مۇھىم بايانلارنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇش، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئاساسىي تەلىپى ۋە مۇھىم ۋەزىپىسىنى توغرا ئىگىلەش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدىكى ئۇلۇغ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش، «ئىككى 100 يىللىق» كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشتا مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر