باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

شىۋېيتسارىيەدە «شەرتسىز ئاساسىي مائاش» تەكلىپى رەت قىلىندى

2016.06.06 15:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىۋېيتسارىيەدە 6-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي خەلق ئاۋازغا قويۇشتا، شەرتسىز ئاساسىي مائاش تارقىتىشنى شىۋېيتسارىيە ئاساسىي قانۇنىغا كىرگۈزۈش ھەققىدىكى بىر تۈرلۈك تەكلىپ يۇقىرى بىلەت ئۈستۈنلۈكى بىلەن رەت قىلىندى.

  بۇ بىر تۈرلۈك «شەرتسىز ئاساسىي مائاش» ناملىق پۇقرالارنىڭ تەكلىپىنى شىۋېيتسارىيەدىكى ئوقۇتقۇچى، مۇخبىر قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەچچە مۇستەقىل زىيالىيلار باشلىغان بولۇپ، شىۋېيتسارىيە ھۆكۈمىتىدىن باشلىقتىن پۇقرالارغىچە مەيلى بۇ پۇقرا ئىشقا ئورۇنلاشقان ياكى ئورۇنلاشمىغان بولسۇن، بىر كىشىلىكتىن ئاساسىي مائاش تارقىتىشنى ھەم بۇ بەلگىلىمىنى شىۋېيتسارىيەنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئۇلار يەنە شىۋېيتسارىيەدىكى قۇرامىغا يەتكەن پۇقرالار ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئايرىم-ئايرىم ھەر ئايدا 2500 شىۋېيتسارىيە فىرانكى (تەخمىنەن 2560 ئامېرىكا دوللىرى) ۋە 625 شىۋېيتسارىيە فىرانكى (640 ئامېرىكا دوللىرى) تارقىتىپ، ئۇلارنىڭ «قەدىر قىممەتلىك تۇرمۇش» كەچۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش تەكلىپى بەرگەن ئىدى.

  بۇ بىر تۈرلۈك تەكلىپ شىۋېيتسارىيەنىڭ 26 شىتاتى ۋە يېرىم شىتاتىنىڭ ھەممىسىدە رەت قىلىندى، بىلەت تاشلاشقا قاتناشقان ئىككى مىليون 500 مىڭ شىۋېيتسارىيەلىك ئىچىدە %79.6 كىشى قارشى ئاۋاز بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر