باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جۈن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

«تۆت خىل ھالەت»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك، قاتتىق باش قۇرايلى

2016.06.06 16:16         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جۈن 2 - ئىيۇندىن 3 - ئىيۇنغىچە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى شۇنداقلا بىر قىسىم ناھىيە، رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ ئىنتىزام تەربىيەسىنى كۈچەيتىش، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى چىڭىتىش، «تۆت خىل ھالەت»تىن پايدىلىنىپ ئىنتىزامنى تەكشۈرۈش ۋە كۆزىتىش توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى.

  جاڭ جۈن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك، قاتتىق باشقۇرۇشتىكى سۇبيېكتىپلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ باھالاپ، خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، جانلىق قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپتۇ، بۇنى جەزمەن مۇئەييەنلەشتۈرۈش كېرەك.

  جاڭ جۈن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تۆت خىل ھالەت» ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن قوللىنىلغان ئۇسۇل، چارە بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇ بىر خىل سىياسىي تەدبىر بولۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى چىڭ، ئەمەلىي ئىشلەشنى نازارەت قىلىشتىكى كۈچلۈك تۇتقا. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئىنتىزام - مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى سۇبيېكتىپلىق مەسئۇلىيىتى ۋە نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت خىل ھالەت»نى توغرا تونۇپ ۋە ئىگىلەپ، ئىنتىزامنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئىنتىزامدا قانۇندىنمۇ قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىلەرنى بالدۇر، بىخ ھالىتىدە تۇتۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنى ھەقىقىي ياخشى باشقۇرۇشى كېرەك. ئىستىل قۇرۇلۇشىنى بوشاشماي قەتئىي كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىشتا پائال ئىزدىنىپ، «تۆت خىل ھالەت» ۋە يوشۇرۇن ئۆزگىرىۋاتقان «تۆت خىل ھالەت» مەسىلىسىنى بايقىغان ھامان قاتتىق زەربە بېرىپ، قىلچە يول قويماسلىق، قانچىكى كېچىكتۈرگەنسېرى ئىنتىزامنى شۇنچە قاتتىق ئىجرا قىلىش كۈچلۈك سىگنالىنى سىجىل ياڭرىتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلىدا دۇرۇس، سىياسىي ئىستىلدا پاك، جەمئىيەت ئىستىلىدا ساپ بولۇشى كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش - مەمۇرىي تەپتىش كادىرلار قوشۇن قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىش كېرەك. ئىشەنچنى نازارەتنىڭ ئورنىغا قويۇشقا بولمايدۇ. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش - مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى قاتتىق باشقۇرغانلىق غەمخورلۇق قىلغانلىق دەيدىغان ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ساپا، كەسپىي ساپا ۋە كەسپىي ئەخلاق ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچەپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش - مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە ئىشەنچى، يول ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ سىياسىي ئېڭى، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرولۇق ئېڭى، بىر سەپتە تۇرۇش ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى نازارەت قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالايدىغان ئىنتىزام تەكشۈرۈش - مەمۇرىي تەپتىش كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  جاڭ جۈن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى يەنە ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش نازارىتى ئورگىنى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ 1 - سېپىدە ئىشلەۋاتقان كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر