باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2016.06.02 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 1-ئىيۇن گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا، قىيىن ئەھۋالدا قالغان بالىلارنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تېخىمۇ كۆپ غەمخورلۇق قىلىش ۋە ياردەم بېرىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ مەركەز مالىيەسىنىڭ پەن-تېخنىكا تۈر مەبلىغىنى باشقۇرۇش تەدبىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش بېكىتىلدى؛ يەنە بىر تۈركۈم كەسپىي سالاھىيەت ئىجازەتنامىسى بىلەن بېكىتىش ئىشلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش بوسۇغىسىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىش قارار قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بالىلار ئائىلىنىڭ ئۈمىدى ۋە دۆلەت، مىللەتنىڭ كەلگۈسى. ئېلىمىزنىڭ بالىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، ياشاش-تەرەققىيات مۇھىتى يەنىمۇ ياخشىلاندى، لېكىن يەنە بىر قىسىم بالىلارنىڭ ئائىلىسى نامرات، ئۆزى مېيىپ ياكى كۈچكە ئىگە ھامىيىسى بولمىغانلىقتىن تۇرمۇش، بىخەتەرلىك جەھەتلەردە قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. قىيىنچىلىقتا قالغان بالىلارنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بويىچە تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، شۇنداقلا ئائىلە، ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. بىرىنچى، قىيىنچىلىقى بار بالىلارنى يېتىملارنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنى قۇتقۇزۇپ بېقىش، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش قاتارلىق تۈرگە ئايرىپ، ئۇلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاتا-ئانىسىنىڭ ھامىيلىق قىلىش ئىقتىدارى يوق ۋە باشقا ھامىيىسى يوق بالىلارنى، بالىلار پاراۋانلىق ئاپپاراتى بېقىشى كېرەك. ئىككىنچى، ئاھالىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئېغىر كېسەللەر سۇغۇرتىسىنى كېسىلى ئېغىر، ئېغىر مېيىپ بالىلارغا مايىللاشتۇرۇپ، بۇ شەرتكە توشىدىغانلارنىڭ داۋالاش-قۇتقۇزۇش بويىچە ئاتچوت قىلىش نىسبىتى ۋە ئەڭ يۇقىرى چېكىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈش كېرەك. تۆۋەن كاپالەت ئائىلىلىرىدىكى بالىلار، ئېغىر مېيىپ بالىلارنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشى ئۈچۈن شەخس تۆلەيدىغان قىسمىغا تولۇقلىما بېرىش، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلار دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن قۇتقۇزۇش ياردىمى بېرىلىدىغان بالىلارنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىشى ئۈچۈن ئومۇمىي سومما بويىچە ياردەم بېرىش كېرەك. ئۈچىنچى، سىنىپ ئەگىشىپ ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىش سىستېمىسى ئورنىتىپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار مېيىپ بالىلارنى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 12 يىللىق ھەقسىز مائارىپ بىلەن تەمىنلەپ، قىيىنچىلىقى بار بالىلارنىڭ ئوقۇشتىن قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تۆتىنچى، ناھىيە، يېزا، كەنت ئۈچ دەرىجىلىك تورى قۇرۇپ، ئائىلە مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلاتتىن مۇلازىمەت سېتىۋېلىش قاتارلىق مېخانىزىملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىقى بار بالىلارنى ياردەم بېرىش، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، پىسخىكىسىدىن مەسلىھەت بېرىش، ھامىينىڭ ئارىلىشىشغا يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، ئۇلارنىڭ بىخەتەر، غەمسىز ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر