باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بەھرەيىندىكى ئۆكتىچى گۇرۇھ رەھبىرى نارازىلىق ئەرزى سۇنغاندىن كېيىن جىنايىتى ئېغىرلىتىلدى

2016.06.01 16:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بەھرەيىن نارازىلىق ئەرزى سوت مەھكىمىسى 30-ماي بۇ دۆلەتتىكى ئاساسلىق ئۆكتىچى گۇرۇھ رەھبىرى ئەلىگە ئىككىنچى سوتتا ھۆكۈم چىقىرىپ، ئۇنىڭ دەسلەپكىي تۆت يىللىق جازاسىنى توققۇز يىلغا ئۇزارتتى. بەھرەيىن نارازىلىق ئەرزى سوت مەھكىمىسىنىڭ كېسىمىدە مۇنداق دېيىلدى: ئەلىنىڭ جازا مۇددىتىنى ئۆزگەرتىش ئۇنىڭغا يېڭىدىن قېتىلغان «ھاكىمىيەتنى ھەربىي كۈچ ئارقىلىق ئۆزگەرتىشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىش»جىنايىتىگە ئاساسەن چىقىرىلدى. بۇ نەتىجىگە قارىتا، ئەلىنىڭ ئادۋۇكاتلار ئۆمىكى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەلى بۇ ھۆكۈم نەتىجىسىگە قايىل بولمىدى، ئۇ ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى ئارقىلىق ئارازىلىق ئەرزى سۇنىدۇ. بەھرەيىندىكى تۆت شىيە مەزھىپىدىن بولغان ھۆكۈمەتكە قارشى تەشكىلاتمۇ سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەلىنىڭ جازاسىنى ئېغىرلاتقانلىقى توغرىسىدا بىرلىشىپ بايانات ئېلان قىلىپ: سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ ھەمدە بۇنىڭدا ئېغىۋارگەرچىلىك مەۋجۇت دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر