باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ۋېنگرىيە جۇڭگونىڭ بازار ئىگىلىكى ئورنىنى قوللىدى

2016.06.01 16:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋېنگرىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋە تاشقى ئىقتىساد مىنىستىرى سىئالتو 30-ماي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋېنگرىيە جۇڭگونىڭ بازار ئىگىلىكى ئورنىنى قوللايدۇ، بۇنداق قىلىش جۇڭگو-ياۋروپا ئىقتىسادى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇشقا پايدىلىق. ۋېنگرىيە ھۆكۈمىتى شۇ كۈنى يىغىن ئېچىپ جۇڭگونىڭ بازار ئىگىلىكى ئورنىنى قوللاشنى قارار قىلدى. سىئالتو مۇنداق دېدى: جۇڭگو-ياۋروپا ئىقتىساد ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇش ۋېنگرىيەگە نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم. جۇڭگو ۋېنگرىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىقتىساد سودا شېرىكلىرىنىڭ بىرى، ۋېنگرىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن سىرتقى ئەڭ مۇھىم سودا شېرىكى. بۇنىڭدىن باشقا جۇڭگونىڭ ۋېنگرىيەگە سالغان مەبلىغى ئۈچ مىليارت 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى، جۇڭگونىڭ نۇرغۇن كارخانىلىرى ۋېنگرىيەنى ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپادىكى مەركىزى دەپ بىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر