باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى: مەركەز كارخانىلىرى ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا ماس كېلىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنىنى تەسىس قىلىشى لازىم، دېدى

2016.06.02 14:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئىيۇن، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى بەنگوڭتىڭى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەر دەرىجىلىك دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتلىرى ۋە دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلارنىڭ ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، مەركەز كارخانىلىرى ۋە يەرلىكتىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېڭى گۈللەنگەن كەسىپلەر، زامانىۋىي مۇلازىمەت كەسىپلىرى ۋە ھەرخىل يېڭى كەسىپ ئەھۋالى، يېڭى ئەندىزىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا ماس كېلىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنىنى تەسىس قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ھەر دەرىجىلىك مەركەز كارخانىلىرى ۋە يەرلىكتىكى دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلار ئاشكارا قۇبۇل قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، قۇبۇل قىلىش ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارا ئېلان قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى قۇبۇل قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئۆز ۋاقتىدا ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىدە ئېلان قىلىپ، كارخانىنىڭ تور بېكىتىدە قۇبۇل قىلىش سەھىپىسى ئېچىپ، قۇبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ ئاشكارىلىقىنى ئاشۇرۇش؛ قۇبۇل قىلماقچى بولغان خادىملارنى ئاشكارىلاش ھەم نازارەت قىلىش يوللىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۇچۇرنىڭ ئاشكارىلىقى، جەرياننىڭ ئاشكارىلىقى ۋە نەتىجىنىڭ ئاشكارىلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەلەپ قىلىندى.

  ئۇقتۇرۇشتا يەنە، ھەر دەرىجىلىك دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتلىرى ۋە دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلار شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، چىڭخەيگە ياردەم بېرىش، شىزاڭغا ياردەم بېرىشتىكى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇلمىلارنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ شىنجاڭ، چىڭخەي، شىزاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىمكانقەدەر قۇبۇل قىلىش، مەركەز كارخانىلىرى ئۈچ جايدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى مەخسۇس ئالاھىدە قۇبۇل قىلىش پائالىيىتىنى داۋاملىق تەشكىللەپ ياخشى ئىشلەش تەلەپ قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر