باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ داچىن ئارىلىدىكى پېشقەدەم بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ ئەۋلادلىرىغا جاۋاب خەت يېزىپ ئىلھام بەردى

داچىن ئارىلىنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، ئۆگىنىشنى ياخشى قىلىپ، پەزىلەتلىك بولۇڭلار

2016.06.01 14:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭ داچىن ئارىلىدىكى پېشقەدەم بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ ئەۋلادلىرىغا، جېجياڭ ئۆلكىسى تەيجۇ شەھىرىنىڭ جياۋجياڭ رايونىدىكى 12 باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا جاۋاب خەت يازدى.

  جاڭ چيەنيى قاتارلىق كىچىك دوستلار:

  ياخشىمۇسىلەر! خېتىڭلارنى كۆرۈپ، ئون يىل بۇرۇنقى داچىن ئارىلىغا قىلغان سەپىرىمنى، شۇنداقلا شۇ چاغدا بوۋاڭلار، چوڭ ئاناڭلار بىلەن سۆھبەتلەشكەن ئەھۋالنى ئەسلەپ قالدىم. بۇنىڭدىن 60 يىل بۇرۇن، سىلەرنىڭ بوۋاڭلار، چوڭ ئاناڭلار يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلىپ، داچىن ئارىلىغا كېلىپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ ئىگىلىك تىكلەپ، ياشلىق باھارى ۋە قان-تەرى بەدىلىگە جاپالىق ئىگىلىك تىكلەش، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەش، خالىس تەقدىم قىلىش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشتەك بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش روھىنى يېتىلدۈردى. سىلەر دېگەندەك، ئۇلار ھۆرمەتلەشكە ئەڭ ئەرزىيدىغان كىشىلەردۇر. مەندىن سىلەردىن بوۋاڭلار، چوڭ ئاناڭلارغا سالام يوللاپ قويۇڭلار.

  سىلەر خېتىڭلاردا بىز پېشقەدەم بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ ئەۋلادلىرى، بىز بوۋىلىرىمىز، چوڭ ئانىلىرىمىزنىڭ ئاشۇ يىللاردىكى كۈرەش روھىنى ئېسىمىزدە مەھكەم ساقلاپ، ياخشى ئۆگىنىپ، ئەخلاقلىق-پەزىلەتلىك بولۇپ، چوڭ بولغاندا ۋەتەن ۋە خەلققە جاۋاب قايتۇرۇشقا ئىرادە باغلىدۇق دەپسىلەر، مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن سۆيۈندۈم. سىلەر بوۋاڭلار، چوڭ ئاناڭلاردىن ئۆگىنىپ، پارتىيەنى، ۋەتەننى، خەلقنى قىزغىن سۆيۈپ، بىلىملىك، ئەخلاقلىق، ئىقتىدارلىق يېڭى بىر ئەۋلاد قۇرغۇچىلاردىن بولۇشقا تىرىشىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا تەييارلىق قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  «1-ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى كېلىش ئالدىدا، سىلەرنىڭ، شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەتتىكى كىچىك دوستلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن.

  شى جىنپىڭ

  2016-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر