خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شايار ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىختىيارىي مۇخبىر زۆھرەگۈل ھامۇت، ئەكبەرجان ئابلا خەۋىرى، فوتوسى) بۇ يىل ئاپتونۇم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىيات يىلى. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىيات يىلى»دىكى خىزمەتلەرنى يەنىمۇ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش، پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتى ۋە قانۇن- قائىدىلىرىنى ئۆگىنىش تەشۋىقاتىنى كېڭەيتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېڭىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، 6-ئاينىڭ 1-كۈنى شايار ناھىيەسىنىڭ قايلور بازىرى بازار بويىچە 80 نەچچە ئورگان كادىرىنى تەشكىللەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىلىملىرى بويىچە زېھىن سىناش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى بولسا «ماركىسىزملىق بەش قاراش»، «بەشنى تونۇش» قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك بىلىملەر ئاساس قىلىنغان بولۇپ، يېزىقچە جاۋاب بېرىش شەكلى قوللىنىلىپ، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى سىياسىتى ۋە قانۇن-قائىدە، بىلىملەرنى ئىگىلەش ئەھۋالى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈلۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمەتلىرىنىڭ يەنىمۇ ياخشى قانات يايدۇرۇلۇشىغا پۇختا ئاساس سېلىندى. بۇ ئارقىلىق كۆپچىلىكنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىگە بولغان تونۇشى كۈچەيتىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى