باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ دېجياڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 2-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنى ئاچتى ۋە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

مەسىلە يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئادىل ئىجرا قىلىنىشىنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2016.06.01 14:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ 31-ماي، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 2-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىپ، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئۆزگەرتىشنى تەتقىق قىلدى.

  يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش − مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بۇ يىللىق قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش بويىچە يولغا قويغان تۇنجى تۈرى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 4-ئايدىن 5-ئايغىچە بەش گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، خۇبېي، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق 10 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)نى تەكشۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە باشقا 21 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)نى ئۆزىنى تەكشۈرۈشكە ھاۋالە قىلدى. ھەر قايسى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرى ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كۆپ قېتىم سۆھبەت يىغىنى ۋە دوكلات بېرىش يىغىنى ئېچىپ، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئوبوروتى ۋە سېتىش، يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە يېمەكلىكلەرنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلارنى نەق مەيداندا تەكشۈردى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت-سەھىيە كومىتېتى ھەر قايسى گۇرۇپپىلارنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى ۋە ئالاقىدار يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ئۆزىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئۇنىۋېرسال بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى يازدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر