- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ش ئا ئە ت باش كاتىپى پولشاغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان ئەسكەر كۈچىنىڭ كۆپەيتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى
2016.06.01 16:06 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پولشادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ش ئا ئە ت باش كاتىپى ستولتېنبېرگ 30-ماي، ش ئا ئە ت پولشادا ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئەسكەر كۈچىنى كۆپەيتىدۇ، دېدى.
ستولتىنبېرگ شۇ كۈنى پولشا زوڭتوڭى دۇدا بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، 7-ئايدا ۋارشاۋادا ئۆتكۈزۈلىدىغان ش ئا ئە ت باشلىقلار يىغىنىدا شەرقىي قىسىم چېگرا رايوندىكى تەھتىد كۈچلىرى ۋە قوغدىنىش كۈچلىرىنى كۆپەيتىش قارار قىلىنىدىغانلىقىنى، باشلىقلار يىغىنىدا تۇرغۇزۇلىدىغان ئارمىيە سانى ۋە ئورنى مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ «بۇ قېتىمقى ش ئا ئە ت باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن، تېخىمۇ كۆپ ش ئا ئە ت ئارمىيەسىنىڭ پولشادا تۇرغۇزۇلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ»، دېدى.
ئىگىلىنىشىچە، ستولتىنبېرگ بۇ قېتىملىق سەپىرىدە پولشا بىلەن ش ئا ئە ت باشلىقلار يىغىنىنىڭ تەييارلىق ئەھۋالىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر