- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
ليۇ يۈنشەن يىغىنغا قاتناشتى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلدى
2016.06.01 14:12 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنى 31-ماي چۈشتىن بۇرۇن «خەلق» سارىيىدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن يىغىنغا قاتناشتى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن «پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى تىرىشىپ يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنىڭ دەۋر ئاۋانگارتلىرىدىن بولۇشى كېرەك» دېگەن تېمىدا تەبرىك سۆزى قىلدى.
ليۇ يۈنشەن تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى، ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، پەن-تېخنىكدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى مۇھىم ئورنىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، ئېلىمىزنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانى، مۇھىم ۋەزىپىسى ۋە ئاساسىي تەلىپىنى سىستېمىلىق بايان قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرۇش، دۇنيادىكى پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش بۇرغىسىنى چېلىپ، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا، ئېلىمىزنىڭ پەن-تېخنىكا ئىشلىرىدىكى ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. بىز چوقۇم سۆزنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە يېتەكچى قىلىشىمىز كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر