باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئەركىنلىك پارتىيەسى جونسوننى بۇ پارتىيەنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتلىقىغا يەنە بىر قېتىم كۆرسەتتى

2016.05.31 15:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيەسى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن سىرت ھۆكۈمەتتە ئەڭ كۆپ ئورۇنغا ئېرىشكەن كىچىك پارتىيە ئەركىنلىك پارتىيەسى 29-ماي مەملىكەتلىك قۇرۇلتاي ئېچىپ، يېڭى مېكسىكا ئىشتاتىنىڭ سابىق باشلىقى جونسوننى بۇ پارتىيەنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتلىقىغا يەنە بىر قېتىم كۆرسەتتى.

  جونسون 1995-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە ئىككى نۆۋەت ئامېرىكا يېڭى مېكسىكا ئىشتاتىنىڭ باشلىقى، ئەركىنلىك پارتىيەسىنىڭ 2012-يىللىق زۇڭتۇڭ نامزاتى بولغان. بۇ ئارىدا تاراتقۇلار مۇنداق دەپ خەۋەر بەردى: بۇ قېتىم ئىككى يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان ئەركىنلىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ئاۋاز بېرىشىدە ئۇ ئېرىشكەن ئاۋاز سانى يېرىمدىن ئاشمىغانلىقتىن، 29-مايدىكى ئىككىنچى قېتىملىق ئاۋاز بېرىشتە ئاندىن ئۆتكەلدىن ئۆتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر