- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى سۇرىيە ۋەزىيىتى ھەققىدە تېلېفونلاشتى
2016.05.31 15:48 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف بىلەن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كىررىي تۈنۈگۈن تېلېفونلىشىپ، سۇرىيە ۋەزىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.
رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى سۇرىيە ۋەزىيىتى ھەمدە رۇسىيە تەكلىپ قىلغان تېررورلۇق تەشكىلاتلار ۋە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئەمەل قىلمايۋاتقان قانۇنسىز قوراللىق تەشكىلاتلارغا بىرلىشىپ ھەرىكەت قوللىنىش مەسىلىسىنى داۋاملىق مۇزاكىرە قىلدى.
ئۇقتۇرۇشتا: ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتلىرى يەنە ئۇكرائىنا مەسىلىسى ھەمدە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتكە ئالاقىدار بەزى مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى دېيىلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر