باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

رەئىس شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ خاڭجۇدىكى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

2016.05.27 17:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 26-ماي چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ يى 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ خاڭجۇدىكى باشلىقلار يىغىنىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  ۋاڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 28-ماي، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ خاڭجۇدىكى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىغا 100 كۈن قالغان كۈن. 4-سېنتەبىردىن 5-سېنتەبىرگىچە، رەئىس شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئەزالىرى، مېھمان دۆلەتلەر رەھبەرلىرى، شۇنداقلا خەلقئارالىق تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن خاڭجۇدا جەم بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق بۈيۈك پىلانى، دۇنيا تەرەققىياتى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىدۇ. 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى ھازىرغىچە 10 قېتىم ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىل، رەئىس دۆلەتنىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكى جۇڭگوغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. ھازىر دۇنيا ئىقتىسادى مۇھىم ئۆزگىرىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، پۇرسەت ھەم رىقابەت تەڭ مەۋجۇت. خەلقئارا جەمئىيەت بۇ يىللىق 20 دۆلەت گۇرۇھىغا زور ئۈمىد باغلىدى، خاڭجۇدىكى باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىك ئېچىلىشى، دۇنيا ئىقتىسادىنى قايتىدىن ھاياتى كۈچ ۋە ئۈمىدكە ئىگە قىلدى. رەئىس دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، زىممىمىزدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ناھايىتى ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدۇق. بۇ قېتىمقى خاڭجۇدىكى باشلىقلار يىغىنى ئارقىلىق، دۇنيا ئىقتىسادى دۇچ كەلگەن يادرولۇق رىقابەت ۋە گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن ئورتاق لايىھە تۈزۈپ، جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتىنى كۆرسىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز. ۋاقىتلىق تىزگىنلەشتە كۆز ئالدىدىكى مۇقىملىقنى، تۈپتىن تۈزەشتە ئۇزاق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇشنى نەزەردە تۇتۇپ، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ خەۋپكە تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى ئۇزاققىچە ئۈنۈم بېرىدىغان تىزگىنلەش مېخانىزىمى تىپىغا ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ۋە خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يۆنىلىشىنى يېتەكچى قىلىمىز.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر