باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىرانسىيە-گېرمانىيە رەھبەرلىرى ۋېردون ئۇرۇشىنىڭ يۈز يىللىقىنى خاتىرىلىدى

2016.05.31 15:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى بىلەن گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل تۈنۈگۈن فىرانسىيەنىڭ شەرقىدىكى ۋېردون شەھىرىدە پائالىيەتكە قاتنىشىپ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى ۋېردون ئۇرۇشىنىڭ يۈز يىللىقىنى بىرلىكتە خاتىرىلىدى.

  شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ھوللاندى بىلەن مېركېل يامغۇرغا قارىماي خولې سېمويغا جايلاشقان گېرمانىيە ئارمىيەسى قەبرىستانلىقىدىكى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى، بۇ ئارىدا ياۋروپانىڭ بېشىنى قاتتۇرۇۋاتقان مۇساپىرلار كىرىزىسى، ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپادىن ئايرىلىشىنى ئومۇمىيخەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش ھەمدە ياۋروپادىكى چېكىدىن ئاشقان ئوڭچىل كۈچلەرنىڭ باش كۆتۈرۈشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى. خاتىرىلەش پائالىيىتى دۇئاۋمۇنت قەبرىستانلىقىدا ئاياغلاشتى. فىرانسىيە ۋە گېرمانىيەدىن كەلگەن ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق ياش شۇ كۈندىكى پائالىيەتكە قاتناشتى.

  دۇئاۋمۇنت قەبرىستانلىقىغا فىرانسىيە ۋە گېرمانىيەنىڭ ئۇرۇشتا ھاياتىدىن ئايرىلغان 130مىڭ ئەسكىرى دەپنە قىلىنغان. بۈگۈنكى كۈندە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئارقىلىق دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەش، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك مەسىلىلەرنى بىرلىكتە ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر