باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يۈ جېڭشېڭ خېنەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مىللەتلەر، دىن خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەكىتلىدى

2016.05.27 11:21         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جېڭجۇ، 24 – ماي تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يېقىندا خېنەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى ۋە مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مىللەتلەر، دىن خىزمىتىگە دائىر زور سىياسەت، فاڭجېنلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى مىللەتلەر، دىن خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقىنى ئەمەلىي ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹ئىككى 100 يىللىق›› كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

  يۈ جېڭشېڭ 22 – مايدىن 24 – مايغىچە، نەنياڭ، جېڭجۇ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، بازار، مەكتەپ ۋە دىنىي سورۇنلارغا چوڭقۇر چۆكتى ھەم كۆپ قېتىم سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ دىن، مىللەتلەر خىزمىتى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ئىگىلىدى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزگىلىدە يۈ جېڭشېڭ يەنە خېنەن ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكى كادىرلارنى يوقلىدى.

  يۈ جېڭشېڭ ئاز سانلىق مىللەت ئامما ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىش، تىجارەت قىلىش، ئوقۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلدى. نەنياڭ شەھىرى جېنپىڭ ناھىيەسى شىفوسى بازىرىدا، ئۇ قاشتېشى مەنبەسى بازىرىغا كېلىپ، شىنجاڭغا چېتىلىدىغان مۇلازىمەت، باشقۇرۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. جېڭجۇ شەھەرلىك 7 – ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنى يوقلاپ، ئىچكىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەت تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنىڭ ئوقۇتۇش كۆلىمى، راسخوت سېلىنمىسى ۋە ئوقۇتقۇچى كۈچىنى تەپسىلىي سورىدى. قىسمەن ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوملارنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر ۋەكىللىرى، تەييارلىق كۇرس ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت يىغىنىدا، يۈ جېڭشېڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش خىزمىتىگە بولغان تەكلىپ – پىكىرلەرنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دېدى: مىللەتلەر خىزمىتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. مىللەتلەر مەسىلىسىنى جۇڭگوچە ھەل قىلىشنىڭ توغرا يولىدا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق››، ‹‹بەش تونۇش›› ئىدىيەسىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە قېرىنداشلاردەك ئېجىل ئۆتۈپ، ئۆزئارا قوغداپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىش كېرەك. ئاز سانلىق مىللەت كۆچمە نوپۇسلىرىغا مۇلازىمەت قىلىش، باشقۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تېخىمۇ ياخشى سىڭدۈرۈش كېرەك. ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى تەربىيەلەش خىزمىتى تەجرىبىسىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، مەكتەپ قۇرۇش سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش، مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ئىستىقبالىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشنىڭ مۇھىم كۈچىگە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يۈ جېڭشېڭ يېڭى ۋەزىيەتتە دىن خىزمىتىنى قانداق كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. ئۇ جېڭجۇ شىمالىي چوڭ مەسچىتى، خۈيجى رايونى خىرىستىيان چېركاۋىغا كېلىپ، دىن خىزمەتچىلىرى ۋە دىنغا ئىشىنىدىغان ئامما بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، دىن پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش، دىن تەشكىلاتى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى. ئۇ يەنە دىن ساھەسىدىكى ۋەكىللىك زاتلار ۋە پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرى بىلەن مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دىن خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دىن نەزەرىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى توسۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، سىڭىپ كىرىشكە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىش ئاساسىي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، دىن ساھەسى دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ۋە جايىدا ھەل قىلىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى دىن خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. دىن خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى قانۇن ئارقىلىق قېلىپلاشتۇرۇپ، دىنغا چېتىلىدىغان ھەر خىل ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنى قانۇن ئارقىلىق ماسلاشتۇرۇپ، دىنغا ئىشىنىدىغان ئاممىنى دۆلەت قانۇنى ۋە دىنىي قائىدىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا تونۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىشقا يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرنى قانۇن، نىزاملار بويىچە قانات يايدۇرۇش ئاڭلىقلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. دىنىي تەشكىلات قۇرۇلۇشىنى ۋە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىشىنى قوللاپ، دىنىي تەشكىلاتنىىڭ كۆۋرۈكلۈك، تۈرتكىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، دىن ساھەسىدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئىشىنىدىغان ئاممىنى پارتىيە ۋە خەلق ھۆكۈمىتى ئەتراپىغا ئەڭ زور دەرىجىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇش كېرەك.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر