باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن خالىس قان تەقدىم قىلدى

2016.05.31 16:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام نىياز خەۋىرى) 26-ماي، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى 500 دىن ئارتۇق ھەر مىللەت پارتىيەلىك كادىر ناھىيەلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش مەركىزىدە خالىس قان تەقدىم قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيە پائالىيىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى.

  بۇ قېتىمقى خالىسانە قان تەقدىم قىلىش پائالىيىتىنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى تەشكىللىگەن بولۇپ، پائالىيەت ناھايىتى تېزلا ئىدارە، ئورگانلاردىكى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.

  بۇ قېتىمقى خالىس قان تەقدىم قىلىش پائالىيىتىدە ناھىيەگە قاراشلىق 100 دىن ئارتۇق ئىدارە، ئورۇندىن كەلگەن 500 دىن ئارتۇق خالىس قان تەقدىم قىلغۇچى ئۆزلىرىنىڭ ساغلام، ئىسسىق قېنى ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە پارتىيە ئىستىلىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىپ، ناھىيەدىكى كەڭ ئاممىغا ئۈلگە تىكلەپ بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر