باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

باي ناھىيەسىدە «بىز ھەر مىللەت بىر ئائىلە كىشىلىرى»، «مەن لاياقەتلىك كىچىك پۇقرا» تېمىسىدا ھۆسىنخەت، رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى

2016.05.31 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋىرى) باي ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە باي ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ قوللىشى، باي ناھىيەلىك ياشلار-ئۆسمۈرلەر پائالىيەت مەركىزىنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ تەشكىللىشى بىلەن «بىز ھەر مىللەت بىر ئائىلە كىشىلىرى»، «مەن لاياقەتلىك كىچىك پۇقرا» تېمىسىدىكى رەسىم، ھۆسىنخەت كۆرگەزمىسى 28-مارت باي ناھىيەلىك خەلق تەنتەربىيە مەيدانىدا تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلدى.

  بۇ قېتىمقى رەسىم-ھۆسىنخەت كۆرگەزمىسىگە 300 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر قاتناشتۇرۇلۇپ، باھالاش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەستايىدىل باھالىشى ئارقىلىق، 15 پارچە ئەسەر 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 25 پارچە ئەسەر 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 29 پارچە ئەسەر 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 27 يېتەكچى ئوقۇتقۇچى مۇنەۋۋەر يېتەكچى مۇكاپاتىغا، توققۇز مەكتەپ مۇنەۋۋەر تەشكىللەش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

  بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە نەچچە مىڭ ئۆسمۈر ۋە تاماشىبىننى جەلپ قىلىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى يىلى» دا كۆرۈنەرلىك ئىجابىي ئېنېرگىيە تارقاتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر