- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۈرۈمچى بۇ يىل 150 كوچا ئاپتوبۇسىنى يېڭىلايدۇ
2016.05.31 16:01 مەنبە: توغراق تورى
5-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى ۋاڭجيالياڭ رايونى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا 50 دانە يېڭى ئېنېرگىيەلىك كوچا ئاپتوبۇسى رەسمىي قاتناش باشلىدى.
بۇ يىل، ئۈرۈمچى شەھىرى جىنباۋ ئاپتوبۇس چەكلىك شىركىتى 150 كوچا ئاپتوبۇسىنى يېڭىلايدىغان بولۇپ، بۇ تۇنجى تۈركۈمدىكى 50 دانە توك، گاز ئارىلاشما ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلۈك مۇھىت ئاسرايدىغان كوچا ئاپتوبۇسى ئىكەن، بۇ كوچا ئاپتوبۇسلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا 34-، 7-، 54، 61-، 63-يول كوچا ئاپتوبۇسلىرىغا سەپلىنىدىكەن.
بۇنىڭدىن باشقا جىنباۋ ئاپتوبۇس شىركىتى تۇنجى قېتىم ساپ توكلۇق كوچا ئاپتوبۇس كىرگۈزگەن بولۇپ، يېقىندا تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلىدىكەن. ساپ توكلۇق كوچا ئاپتوبۇسىنىڭ باھاسى 1 مىليون 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولۇپ، جەمئىي 46 ئورۇن سەپلەنگەن، ئادەتتىكى كوچا ئاپتوبۇسلىرىغا قارىغاندا %50 كە يېقىن ئېنېرگىيە تېجەيدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر