خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: غۇجىئابدۇللا مەمىتىمىن خەۋىرى، فوتوسى) خوتەن ۋىلايەتلىك «يېڭى قاشتېشى» سەنئەت ئۆمىكىدىن قاراقاش ناھىيەسىنىڭ پۇرچاقچى يېزىسى ئوتتۇرا پۇرچاقچى كەنتىگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» پائالىيىتى خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر كەنت قوروسىدا مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ «1-ئىيۇن خەلقئارا بالىلار بايرىمى»نى تەبرىكلىدى. پائالىيەتتە ۋىلايەتلىك «يېڭى قاشتېشى» سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى سەرخىل سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىپ بالىلارغا ھەم چوڭلارغا خوشاللىق بېغىشلىدى، خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاپ، ئۇلارغا مەدەت بەردى. ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۆزلىرى تەييارلىغان سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتتى. ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، قاراقاش ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى خې جۈن پائالىيەتكە قاتنىشىپ، بالىلارنىڭ خۇشاللىقىغا ئورتاقلاشتى. بۇ كەنتىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ئاتا-ئانىلار ھەم يېزا، كەنت كادىرلىرىدىن بولۇپ 1000 دىن ئارتۇق كىشى پائالىيەتكە قاتناشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى