خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: غۇجىئابدۇللا مەمىتىمىن خەۋىرى، فوتوسى) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتىتى جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىسىدىن قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ماڭلاي يېزىسى داخان كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىلەن ماڭلاي يېزىسى داخان كەنتىدىكى دېھقان كارخانىچى، شىنجاڭ «قەدىر» ئۆي-زېمىن چەكلىك شىركىتىنىڭ لېدىرى مىجىت جاپپار 5-ئاينىڭ 27-كۈنى ئاقتام باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلگەن «1-ئىيۇن خەلقئارا بالىلار بايرىمى»نى تەبرىكلەش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتىگە قاتناشتى. پائالىيەتتە خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر 12 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ئوقۇغۇچىلار سومكىسى قاتارلىق ئوقۇش قوراللىرىنى، شىنجاڭ «قەدىر» ئۆي- زېمىن چەكلىك شىركىتىنىڭ لېدىرى مىجىت جاپپار 60 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى 520 يۈرۈش ئوقۇغۇچىلار فورمىسىنى بۇ مەكتەپتىكى 520 ئوقۇغۇچىغا تەقدىم قىلىپ، بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلىدى. مەكتەپ رەھبەرلىكى خىزمەت گۇرۇپپىسىغا ھەم شىنجاڭ «قەدىر» ئۆي-زېمىن چەكلىك شىركىتىگە لەۋھە تەقدىم قىلىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى